ئاپتورى: مەمەتجان جۈمە
تەرجىمە قىلغۇچى: دەۋران
• كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىۋېلىشىدا، ئۇلارنىڭ 1949-يىلى بۇ رايوننى ئىشغال قىلغان ۋاقتىدىن باشلانغان مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
• بۇ تەتقىقاتتا، پەقەت 2017-يىلىدىن كېيىنكى زۇلۇملارغا بەكرەك دىققەت قىلىنىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تارىخى بولغان نوپۇس ئۆزگىرىشى، يەرلەرنى قايتا بۆلۈش ۋە سىياسى كونترولنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
• تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تۈرگە ئايرىشنىڭ ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك دەپ جازالاشقا يول قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۆتكەن ئون يىلدا، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە تارقالغان خەلقئارا خەۋەرلەر قايغۇلۇق ۋە ھەممىگە تونۇش تۈس ئالدى، مەسىلەن، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى، سابىق تۇتقۇنلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە باردىمۇ-يوق… دېگەندەك.
ئەمما كۆپىنچىلەر دىققەت قىلمىغان بىر سوئال ھازىر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىلگەن سىياسىي ئاتالغۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان كىرىزىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بۇ ئاتالغۇنىڭ خەلقئارا ساھەدىكىلەرنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى دەل چۈشىنىشىنى چەكلەپ قويغان-قويمىغانلىقىدۇر.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دىلنۇر رەيھان ئۇيغۇرلارنى خىتايدىكى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتاشنىڭ كەينىگە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ۋە ھۆكۈمرانلىق تارىخىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ» دەپ ئاتىغان بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى نوپۇس كۆچۈرۈش مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر شەكلى دەپ چۈشىنىش كېرەك. ھالبۇكى مۇستەملىكىچىلىك دائىم بۈگۈنكى خىتاي بىلەن ئەمەس ، تارىختىكى ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
بۇ دەلىل خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ سىياسەتلەر تەقىب-نازارەت ، دىنىي ئىبادەتكە چەكلىمە قويۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە دەرىجىسىگە يەتتى دەپ قارالغان تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرى خاتالىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەر بولسا خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى ھەم جازا چارىلىرى قوللاندى.
دوكتور دىلنۇر رەيھان مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تاراتقۇلىرى يېقىنقى يىللاردىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بارلىقىنى ھەرگىز دېمەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق، ئۇلار ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.»

دوكتور دىلنۇر رەيھان فرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
. دىلنۇر رەيھان تەمىنلىگەن
. تارتىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.
«ئاز سانلىق مىللەت» بىر سىياسى كاتېگورىيەدۇر
دىلنۇر رەيھاننىڭ قارىشىچە، «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن بۇ ئۇقۇم پەقەت بىر مىللەتكە بېرىلگەن ئېنىقلىما ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈچلۈك سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە.
زىيارىتىمىزدە دىلنۇر رەيھان مۇنداق دېدى: «بىز كىمنىڭ بىر خەلقنى ‹ئاز سانلىق مىللەت› دەپ بەلگىلەپ تۈرگە ئايرىيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كىمنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىنى سورىشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمىدىكىلەر دائىم ‹ئاز سانلىق مىللەت› كاتېگورىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇستەملىكىچىلىك ۋەزىيىتىدە شۇنداق بولىدۇ».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا قانۇندا «ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى» چۈشەنچىسى خېلىلا كېيىن پەيدا بولغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا ھەر قانداق قانۇنىي چەكلىمە دائىرىسىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن ئەمەس. بۇ يەردىكى بوشلۇق كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ‹ئىچكى ئىشىمىز› دەپ قارىغانلىقى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچراشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن شەكىللەنگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن بۇ سىياسىي كاتېگورىيە ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈم سۈرەلمىگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاياغلىشىپ، خىتاي ئارمىيەسى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەن ۋە بۇ زېمىن 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېلىنغان پاكىتنى يوققا چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن كېيىنلا مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن؛ يەر، نوپۇس ۋە سىياسى كۈچ قايتا تەشكىللەنگەن، مانا بۇ، مۇستەملىكە سىستېمىسىنىڭ بەلگىسى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى يامان بولغان ھەم بولماقتا. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تۈرگە ئايرىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەققانىي سىياسى تەلەپلىرى خەلقئارانىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسىگە كىرمەي قالىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقى بولمايدۇ ۋە شۇ يۆنىلىشتىكى ھەر قانداق ھەرىكىتى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» دەپ ئاتىلىپ، قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ. مۇستەملىكىچى دۆلەتكە كۆرە، پۈتۈن بىر مىللەتنى «ئاز سانلىق مىللەت» قىلىپ قويۇشنىڭ پايدىسى ئەنە شۇ.
نېمىشقا پەقەت 2017-يىلىدىن كېيىنكى زۇلۇملارغىلا قاراپ قالماسلىق كېرەك؟
خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى كۆپ ھالدا خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن كېيىنكى سىياسەتلىرىگە مەركەزلىشىپ قالدى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتا كەڭ كۆلەملىك قاماق ۋە تەقىب-نازارەت ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانىدى. دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ زوراۋانلىقلار شىددەت بىلەن داۋاملاشقان بولسىمۇ، بىز پەقەت بۇ يېقىنقى زۇلۇملارغا دىققىتىمىزنى قارىتىۋالساق بولمايدۇ، چۈنكى بۇ زۇلۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا كەڭ كۆلەملىك مۇستەملىكىچىلىك يوشۇرۇنغان.
«خىتاينىڭ يېقىنقى جىنايەتلىرىگە بەك دىققەتنى ئاغدۇرۇشتا قەستەنلىك بار» دېدى ئۇ، ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىپ، «بۇ، ئۇزۇن تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىزلىرىنى يوشۇرىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ رەسمىي بايانى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشىدىغان دىپلوماتىك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ».
ھازىرقى نەتىجە شۇكى، خىتاينىڭ يېقىنقى سىياسەتلىرى «ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم زېمىننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى» دەپ قارالماستىن، بەلكى تولىراق «پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەت» ياكى «ۋاقىتلىق ئەھۋال» دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
مۇستەملىكىچىلىكنى نېمىشقا مەركىزىي ئۇقۇم دەيمىز؟
«مۇستەملىكىچىلىك» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى خىتاي ئۈچۈن قوللىنىشتا تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت، خىتاينى تەنقىدلىگۈچىلەر ئارىسىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ سىياسەتلىرى قانچىلىك مەجبۇرىي بولسىمۇ، ئۇنى ياۋروپانىڭ ئىشغالىيەت شەكىللىرىدىن پەرقلىق، دەپ قارايدۇ.
دوكتور رەيھان بۇ پەرقنى رەت قىلىدۇ. ئۇ، سېلىشتۇرما مۇستەملىكىچىلىك تەھلىلىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋالىنىڭ نوپۇس كۆچۈرۈش مۇستەملىكىچىلىكى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنداق مۇستەملىكىچىلىكتە، زور تۈركۈمدە نوپۇس كۆچۈرۈلىدۇ، يەرلەر تارتىۋېلىنىدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆچمەنلەر يەرلىك نوپۇسنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەنئەنىۋى مۇستەملىكىچىلىكتە، پەقەت يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولسا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىدە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ». ئۇ يەنە «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ ئاخىرىدا مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ قانۇنىيلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق خىرىس ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، نوپۇس كۆچۈرۈش مۇستەملىكىچىلىكى مۇقەررەر ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك جەرياندۇر. بۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق خەلقئارانىڭ خىتايدا كەڭ-كۆلەمدە داۋاملىشىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرى
كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلۇملارنى خاتىرىگە ئېلىش ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمما تەنقىدچىلەر، جۈملىدىن دوكتور رەيھاننىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تاقاپ قويۇش ئۇنى بەك كىچىكلىتىپ قويغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە نالە قىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەتلەرنى ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىماستىن داۋام قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە تولۇق يوقىتىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا پائالىيەتچىلەر ، جۈملىدىن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى توختىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.»
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خەلقئارا پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ھەر قانچە تەنقىدلىگەن بىلەنمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تار رامكىسىغا سېلىپ قويسا، خىتاينىڭ بۇنى ئۆزلىرىنىڭ «ئىچكى جەھەتتىن تۈزەش ھەرىكىتى» دېگىنىگە بىلىپ-بىلمەي ماسلىشىپ بەرگەن بولىدۇ.
بۇ مەسىلىنىڭ ئاخباراتچىلىق ۋە سىياسەتكە بولغان تەسىرى
بۇ تەتقىقات تىلنىڭ ئاخباراتچىلىقنى شەكىللەندۈرۈشتىكى رولى ھەققىدە يېڭىدىن مۇنازىرە قوزغىدى. «شىنجاڭ» (يېڭى چېگرا رايون) دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ ئۆزىدىنلا مۇستەملىكىچىلىك مەنىسى چىقىپ تۇرسىمۇ، خەلقئارا خەۋەرلەردە ئادەتتىكىدەك ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان كىرىزىسقا دائىر بايانلارغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش دائىم قىسقارتىلماقتا ياكى ئۇنىڭغا سەل قارالماقتا.
سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇستەملىكىچىلىك نۇقتىئنەزەرىنى قوبۇل قىلغۇچىلار بىرلا ھەرىكەت يولىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئەمما بۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ ئۆزى ئىشغالىيەت ۋە نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ئاساسلانغان توقۇنۇشنى ھەل قىلالايدۇ، دېگەن پەرەزگە سوئال قويىدۇ.
دوكتور رەيھاننىڭ دېيىشىچە، ھەقىقىي مەنىدىكى جاۋابكارلىق ئاشۇ چوڭقۇر قۇرۇلمىغا يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر خەلقنى مۇستەملىكە قىلىنغان دەپ ئېتىراپ قىلىش خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنى ئۈستىدىكى مۇستەقىل مىللەت سۈپىتىدىكى ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش دېمەكتۇر. ئۇيغۇرلار، ئۆتمۈشتە مۇستەملىكە قىلىنغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش، پەقەت مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتىنى قۇرغاندىلا ئۆز بېشىغا كەلگەن كەڭ كۆلەملىك جىنايەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتالايدۇ»
ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. 2021- يىلى يانۋار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق غەرب ئەللىرى پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.