مۇساجان ئەر
ئوبزور
شەرقىي تۈركستان خەلقى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ؛ شەرقىي تۈركستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتالماسلىقىدۇر. چۈنكى شەرقىي تۈركستاندا ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق. بارلىق مۇخبىرلار ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر. شۇڭا، ھېچقانداق ژۇرنالىست ياكى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئۆزى خالىغانچە ھەقىقىي پاكىتنى خەۋەر قىلىش ۋە ئېلان قىلىش ئەركىنلىكى يوق. شۇڭا، ئۇ يەردىن خەۋەر ئېلىش ناھايىتى تەس. شۇڭلاشقا دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى زۇلۇمى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە خەۋەردار ئەمەس.
2009- يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىتىنى خەۋەر قىلغان مەمەتجان ئابدۇللا ۋە گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە قىينىلىۋاتىدۇ.
زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار مەخپىي ئېلىپ بېرىلغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەرسىز، قۇربانلار ياكى شاھىتلار، بولۇپمۇ چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا زۇلۇم ھەققىدە سۆزلىشى چەكلەنگەن. كىشىلەر زۇلۇم توغرىسىدا پاراڭلىشالمايدۇ؛ ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرىشتىن قورقىدۇ، بۇنداق قىلسا قولغا ئېلىنىدۇ ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇڭا، ھېچكىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان زۇلۇم، زىيانكەشلىك، خالىغانچە قولغا ئېلىش، سوتسىز ئۆلتۈرۈش ۋە قىيناشلارغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركستاندىن خەۋەر ئېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا چىدىيالماي، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر ۋە رەسىملەرنى ئورتاقلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قانداق جازا ۋە قىيناشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۇلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
خىتاي شەرقىي تۈركستان خەلقىنى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قىرغىنچىلىق قىلماقتا. بۇ جىنايەتلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يالغان تەشۋىقاتلار بىلەن ئالداپ، ۋەزىيەتنى ناھايىتى ياخشىدەك، گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، كىشىلەر خۇشال ياشاۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
خىتاي بەزىدە چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى شەرقىي تۈركستانغا ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلان بېلىتى ۋە مېھمانخانا قاتارلىق بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قاتتىق كونترول ئاستىدا بولۇپ، ئالدىن تەييارلانغان زىيارەت نۇقتىلىرىدىن باشقا يەرگە بارالمايدۇ، شۇنداقلا ھېچكىم بىلەن ئەركىن پاراڭلىشالمايدۇ ياكى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، بىلىپ-بىلمەي خىتاينىڭ رەسمىي بايانلىرىغا ماس كېلىدىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدۇ. بەزى ژۇرنالىستلار ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ۋەزىيەتنى زۇلۇم ياكى تەقىبلەش يوق، خەلقنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي تەشۋىقاتىغا تۆھپە قوشىدۇ.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، زۇلۇم ۋە قىيناشنى ھېچ توختاتمىدى. ئەمما 2017-يىلدىن باشلاپ زۇلۇم ۋە تەقىبلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز مۇسۇلمانلىرى ئاممىۋى جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. شەرقىي تۈركستاندا 1200 جازا لاگېرى بارلىقى، ھەر بىرىدە 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە تۇتقۇننىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتېتى خىتايدا بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى، مەخپىي تۇتۇش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دوكلات قىلدى. كومىتېت ئەزاسى گاي ماكدوگال جەنۋەدىكى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، يەنە ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ «مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرى» ئۈچۈن سىياسىي لاگېرلارغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە خىتاينى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
دەسلەپتە خىتاي بۇ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلدى. بۇ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قانچە كىشى چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قازاقىستان پۇقرالىرى ئۆمەر بېكالى ۋە گۈلباھار سېلىلىۋا قاتارلىق بەش ياكى ئالتە گۇۋاھچى، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا دۇچ كەلگەن قىيناشلار توغرىسىدا مەتبۇئاتلارغا سۆز قىلدى. بۇ گۇۋاھلىقلار خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتاي تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كەسپىي تەربىيە ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىىنىڭ كۆزىنى بوياشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ يەردە قىينالغان گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، لاگېرلار ئۇيغۇرلارنى ماۋنىڭ كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى يادلاشقا مەجبۇرلاش، مېڭە يۇيۇش، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرچە سۆزلەش ۋە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەش قاتارلىق قىيناشلارغا ئۇچراتقان. ئىتائەت قىلمىغان ياكى قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر ھەر خىل قىيناشلارغا ئۇچرىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق زۇلۇم قىلىنمىغانلىقىنى ۋە ھەممەيلەننىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى رەت قىلىپ، پاكىتلارنى ئويدۇرما دەپ جاكارلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ كەلدى. ھالبۇكى ئۇ خەۋەرلەر لاگېرلاردىن چىققان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسلانغان پاكىتلاردۇر.
تۈركىيەدە بەزى تاراتقۇلار خىتاي تەشۋىقاتىنى تارقىتىش ئۈچۈن خىتاي تاراتقۇلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ ، YÖN FM «ئايدىڭلىق گېزىتى» ۋە ئۇلۇسال تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلار خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، تۈركىيەدە خىتاي تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
«ئايدىڭلىق گېزىتى»نىڭ تور بېتىدە 2025-يىلى 24-ماي ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ گېزىت خىتاينىڭ دۇنياۋى تاراتقۇ ھەمكارلىقىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە بۇ ھەمكارلىقنىڭ بىۋاسىتە ئۇچۇر ئورتاقلىشىش ۋە تاراتقۇ ھەمكارلىقى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بۇ خىلدىكى بەزى تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكنى خەلقتىن يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ دۇنياۋى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) ۋە خىتاي خەلقئارا رادىئوسى قاتارلىق بىر قىسىم تاراتقۇلارمۇ تۈرك تىلىدا پروگرامما تارقىتىدۇ.
2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO) تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرى 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بارغان زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئالدىدا ئاقلاش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ.
خىتاي ئەمەلدارلىرى SCO ئەزا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تاراتقۇ ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركستاندا «تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق قولغا كەلتۈرۈلدى» دەپ ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۇي غەربنى «جۇڭگوغا يالغان سۆزلەر بىلەن تۆھمەت قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزى غەرب كۈچلىرى ›مەجبۇرىي ئەمگەك‹ ۋە ›ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹ دېگەندەك ئاساسسىز دەۋالار بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ. بىز ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە ئوخشاش تاراتقۇ ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىمىز».
ئەمما بۇ بايانلار بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يەنىلا لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. خىتاي تەرەپ مۇنبەر ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ما شىڭرۈينىڭ رەسمىي بايانىنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «غەربنىڭ ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش» نى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىمۇ خىتاي بىلەن ئوخشاش بايانات بېرىپ، «دوستلۇق ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى» نى تەكىتلىدى. چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدا رەسمىي ھالدا ھېچقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسى يوق. بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كەسپىي خادىملىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ شەرقىي تۈركستاننى قوللىشى كېرەك. سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ياكى تور تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق كۈچلۈك ھەم سىستېمىلىق ئاخبارات-خەۋەر مەركىزىلىرىنى قۇرۇشقا ئېھتىياج بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۈچلۈك ئاخبارات سىستېمىسى ۋە مۇخبىرلار قوشۇنى شەرقىي تۈركستان مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ دىققىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ھەمدە خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقتا ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق مەركەزنى قۇرۇش ئەلۋەتتە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمگە مۇھتاج.
مۇساجان ئەر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى
ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، شىركىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ