كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ستارمېر بېيجىڭغا يولغا چىقىش ئالدىدا، خىتاينى «ئىشەنچلىك تاللاش ئەمەس» دېدى

سەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن «ئىشەنچلىك تاللاش ئەمەس»لىكىنى بىلدۈردى ۋە باش ۋەزىر كىير ستارمېرنى خىتايدىكى پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

زىيارەتتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى كىشىلىك ھوقۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سودا ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەنگلىيەنى بېيجىڭنىڭ بېسىمى ئالدىدا ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ستارمېر 28-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ، ئۇ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە توختىشى ھەمدە پىرېزىدېنت شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ۋاقتىنى «ئەندىشە قىلارلىق» دەپ ئاتىدى، چۈنكى بۇ زىيارەت خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسى ئەنگلىيە پۇقراسى ۋە تاراتقۇ سەركىسى جىممى لەينى ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەندىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

جىممى لەي ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا دۇچ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە 1984-يىلدىكى «ئەنگلىيە-خىتاي بىرلەشمە باياناتى» تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تەقىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەشكىلات يەنە شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي مىقياسىدا زۇلۇمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «بېيجىڭ خوڭكوڭدىكى بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم رامكىسى ئاستىدا ۋەدە قىلىنغان سىياسىي ئەركىنلىكلەرنى ۋەيران قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى يەنە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايوندا — نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا»دېدى.

تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زۇلۇملار قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىك ھەمدە ئائىلىلەرنى پارچىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە ئەنگلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاجىز بىر ھالقىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئەنگلىيەدە كۈچلۈك ئىمپورت كونتروللۇقى كەمچىل بولۇپ، بۇ ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بولغان پاختا، قۇياش ئېنېرگىيىسى، ئاپتوموبىل ياساش ۋە مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭتەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان قىلىپ قويغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن ھەپتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلغان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بېرىلگەن باياناتتا «ئىقتىسادىي ئالاقىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۈستۈن قويۇش، ئەنگلىيەنى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بېسىملار ئالدىدا ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ» دېيىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات، خىتاينىڭ زۇلۇمىنىڭ بارغانسېرى ئۆز چىگراسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەنگلىيەدىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن تەتقىقاتچىلارغا بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان زۇلۇم مىساللىرىنى تىلغا ئالدى.

«ستارمېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا بارغاندا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلغان چەك-چېگرالار ئىچىدە سۆھبەتلىشىشى كېرەك» دېدى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى.

تەشكىلات ستارمېرنى سودا سۆھبەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، شىنجاڭدىكى زۇلۇمنى توختىتىشقا بېسىم ئىشلىتىشكە، خوڭكوڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تۈزۈمىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا، جىممى لەينى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشقا ۋە ئەنگلىيە تۇپرىقىدىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۈندىدى.

ئومۇمىي يۈزلىنىش

بۇ مۇراجىئەت كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشقا رەھبەرلەرنىڭ خىتاي زىيارىتى ئالدىدا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. باشقا بىر باياناتتا، تەشكىلات فىنلاندىيە باش ۋەزىرى پەتتېرى ئورپونى ئۆز زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىپ، ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ زۇلۇمنى نورماللاشتۇرۇۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى يەنە كانادانىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى بېيجىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بىر ساۋاق سۈپىتىدە مىسال قىلدى. كانادا باش ۋەزىرى مارك كارنىينىڭ يانۋار ئوتتۇرىلىرىدىكى خىتاي زىيارىتىدە، ئەمەلدارلارنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ئەمما پارلامېنت 2021-يىلى بۇ زۇلۇملارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىنى ئاشكارە تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيەنىڭ يەنىلا مۇھىم دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە خوڭكوڭ، شىنجاڭ، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق تەرەپدارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ئىچكى ئىشلار دەپ ئاتىغان ۋە ئاتالمىش سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«كىشىلىك ھوقۇق ساغلام ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىتاي-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى مەزكۇر تەشكىلات.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ