ئۇيغۇر سودىگەر قەستكە ئۇچراپ، كۆزى يارىلانغان

ئۇيغۇر سودىگەر قەستكە ئۇچراپ، كۆزى يارىلانغان

شاۋقۇنى:

ئۇيغۇر سودىگەر جېلىل خەلىفەنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا قالدۇرۇلغان پوسۇلكا پارتلاپ، جېلىل خەلىفە ۋە باشقا ئىككى كىشى يارىلانغان.

ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 10-يانۋار ئەتىگەندە، ئۇيغۇر سودىگەر جېلىل خەلىفەنىڭ كازلىچەشمە مەھەللىسىدىكى تۇرالغۇ بىناسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۈستىلىگە پوچتا خادىمى تەرىپىدىن بىر پوسۇلكا قالدۇرۇلغان.

بىنانىڭ قاراۋۇللىرى جېلىل خەلىفەگە بىر پوسۇلكىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. جېلىل خەلىفە ئۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن پەسكە چۈشۈپ، قاراۋۇللارنىڭ ئالدىدا پوسۇلكىنى ئاچقان. بولاق پارتلاپ، جېلىل خەلىفە ۋە ئىككى قاراۋۇل يارىلانغان. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ساقچى ئەترىتى دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كېلىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈش باشلىغان. يارىلانغان ئۈچ كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر سودىگەر جېلىل خەلىفەنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا قالدۇرۇلغان پوسۇلكا پارتلاپ، جېلىل خەلىفە ۋە باشقا ئىككى كىشى يارىلانغان. .جېلىل خەلىفە قاراۋۇللارنىڭ ئالدىدا پوسۇلكىنى ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش. 10-يانۋار ئىستانبۇل.

پارتلاش سەۋەبىدىن كۆزى ۋە قولى يارىلانغان جېلىل خەلىفە، شۇنداقلا يېنىك يارىلانغان ئىككى بىخەتەرلىك خادىمى كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. جېلىل خەلىفەنىڭ كۆزى دوختۇرخانىدا جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، كۆزىدىكى پارچىلار چىقىرىلغان، ئۇ ئىككى كۈنلۈك داۋالىنىشتىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. جېلىل خەلىفە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچىلار بۇ ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئالتە گۇماندار قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسمى ياكى مىللىتى ئاشكارىلانمىغان.

جېلىل خەلىفەنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنيۇرت رايونىدا 5 مىليون لىرا مەبلەغ سېلىپ، «خەلىفە قۇرۇلۇش، ساياھەت ۋە سودا شىركىتى» دەپ ئاتىلىدىغان شىركەت قۇرغانلىقى مەلۇم. جېلىل خەلىفەنىڭ نېمە ئۈچۈن سۈيقەتكە ئۇچىرىغالىقى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرى ھازىرچە نامەلۇم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ