- مەمەتجان جۈمە
- تەرجىمان: دەۋران
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى يول قويۇلمىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى، يەنى مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، دەپ ئېيتماقتا.تۈرمە كامېرىدا يېزىلغان بىر شېئىر، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە 2024- يىلى ئېچىلغان بىر سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنى خاتىرىسىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ناخشىنى «120 دىن ئارتۇق چەكلەنگەن ناخشا» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى سەنئەتلىك ئىپادىلىشىنىمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئاشكارلانغان ئاۋازلىق ھۆججەت نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئۇيغۇريار» تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەۋەر تورىغا ھەمبەھىرلەنگەن ۋە كېيىنچە «قەشقەر ۋاقتى» تەرىپىدىن تولۇق تەرجىمىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئۇيغۇر شائىر ۋە ئەدەبىيات پروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن 2018-يىلى رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە «يانارىم يوق» ناملىق بىر پارچە شېئىر يازغان. بۇ شېئىر قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن چېگرادىن ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولغان، سۈرگۈندىكى بىر ئۇيغۇر مۇزىكانتى ئۇنى مۇزىكىغا سالغان، شۇنداق قىلىپ بۇ شېئىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا تارقالغان بىر ناخشىغا ئايلانغان.
«بىر بۇلۇڭدا يىگانىمەن نىگارىم يوق،
كېچىلىرى قارا باستى تۇمارىم يوق.
بۇ ھاياتتىن ئۆزگە يەنە خۇمارىم يوق،
جىمجىتلىقتا خىيال ئەستى ئامالىم يوق.
مەن كىم ئىدىم نېمە بولدۇم بىلەلمىدىم،
كىمگە دەيمەن دىل سۆزۈمنى دىيەلمىدىم.
يا پەلەكنىڭ خۇي-پەيلىنى سېزەلمىدىم،
يار قېشىڭغا باراي دەيمەن، قارايىم يوق.
پەسىللەرنى بىلىپ تۇردۇم بۇرجەكلەردىن،
ھېچ بىر خەۋەر ئالالمىدىم، چېچەكلەردىن.
بۇ سېغىنىش ئۆتۈپ كەتتى سۆڭەكلەردىن،
قانداق يەر بۇ بارارىم بار، يانارىم يوق.»
—ئابدۇقادىر جالالىدىن «يانارىم يوق»
ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمە كامېرىدىن چىققان بۇ شېئىرنىڭ ئاخىر بېرىپ چەكلەنگەن ناخشىغا ئايلانغىچە بېسىپ ئۆتكەن بۇ جەريان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىي ھاياتنىڭ جانلىنىشىنى بار كۈچى بىلەن بېسىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
يىغىن جەريانىدا، دائىرىلەر ناخشىلارنى «خەتەرلىك» دەپ شەرىھلىگەن يەتتە كاتېگورىيەگە ئايرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە «تارىخنى بۇرمىلايدىغان»، «دىننى تەرغىب قىلىدىغان»، «بۆلگۈنچىلىككە رىغبەتلەندۈرىدىغان» ياكى «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزىدىغان» ئەسەرلەر كىرىدىكەن.
ئەمەلدارلار يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى بۇنداق مۇزىكىلارنى تېلېفونلىرىدىن ئۆچۈرۈشكە، تەستىقلانمىغان ناخشىلارنى چۈشۈرمەسلىككە ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ناخشىلارنى ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى بويىچە ئون كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ مىساللىرى كەلتۈرۈلگەن.
يىغىن كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بىر ئەمەلدار ئۇلارنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «بىر نەچچە مىڭ ناخشىسى» بارلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «پەقەت 120 دىن ئارتۇق ناخشىنى» چەكلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما ئانالىزچىلار بۇ كاتېگورىيەلەرنىڭ كەڭلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ۋەتەن، تىل، ئائىلە ۋە ئېتىقادقا بولغان ئىشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، ئىجرا قىلىشنىڭ مۇقىم تىزىملىككە ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىۋاتقان سىياسىي ئېھتىياجلارغا ئاساسەن كېڭىيەلەيدىغان خالىغانچە چۈشەندۈرۈشلەرگە باغلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتماقتا.

ئابدۇقادىر جالالىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى جەريانىدا تۇتۇلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچى، ئالىم ۋە مەدەنىيەت ئەرباپلىرى ئىچىدىكى بىر شەخس. تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ھازىرغىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. يۈزلىگەن داڭلىق زىيالىيلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى مەلۇم. ئابدۇقادىر جالالىدىنغا قانچىلىك جازا بېرىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار ھازىرچە نامەلۇم. ئانالىزچىلار بۇ قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر زىيالىي قاتلىمىنى تامامەن ۋەيران قىلغانلىقىنى، ئەدەبىي ئاۋازلارنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىياتنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىسقارتىلغانلىقىنى ئېيتماقتا.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تۈرمىدە يېزىلغان شېئىرنىڭ چەكلەنگەن ناخشا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ھاياتىنى سىياسىي مەسىلىگە باغلاشتا قاتتىق قوللىقىنى ، بۇ ئارقىلىق ئىدىلوگىيە كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مىللىي مۇزىكاشۇناسلىق پروفېسسورى رەيچېل ھاررىس ئۇيغۇر خەۋەر تورىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا ناخشىلارنى چەكلەش يېڭى ئىش ئەمەس. بۇ ئەھۋال خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى بويىچە، سىياسىي كەيپىياتقا قاراپ ئۆزگىرىپ كەلدى. تارىختىمۇ ئۇيغۇر ناخشىلىرى، شېئىرلىرى ۋە كىتاپلىرى نازارەت قىلىنىپ چەكلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرى ۋە ئىجراچىلىرى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتنى دىققەتكە سازاۋەر قىلىدىغان نەرسە ئۇنىڭ نىشان قىلغان ئوبيېكىتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكىدۇر.
«چەكلەنگەن ناخشىلارنى تىزىملىغان بۇ يېڭى ھۆججەت بىر نەچچە سەۋەب بىلەن دىققەت قوزغايدۇ. ئۇ كەڭ دائىرىدىكى ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان مەشھۇر خەلق ناخشىلىرىدىن تارتىپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ‹يانارىم يوق› قا ئوخشاش چەت ئەلدە ئىشلەنگەن ناخشىلارغىچە ھەممسى شۇنىڭ ئىچىدە. مەن بۇ ناخشىنىڭ تىزىملىكتە كۆرۈنگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە ماڭا بىرئاز ئۈمىد بەردى، چۈنكى بۇ ۋەتەندىكى كىشىلەرنىڭ چەتئەلدىكى سادالارنى ئاڭلىياليدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
بەزى تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن، بۇ چەكلەشنىڭ كەڭلىكى مەدەنىيەتتىكى بويسۇنۇشتىن كۆرە، خىتاينىڭ دۆلەت كونتروللۇقى سىرتىدا قالغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان ئانتروپولوگ رۇنې ستېينبېرگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ شۇ رايوندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلەپچىقىرىشىنى تولۇق كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ».
ئۇ يەنە بۇنىڭدا ناخشىلارنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:
«ناخشىلار ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلايدۇ، شۇڭا ئۇلار چەكلىنىشى ياكى كونترول قىلىنىشى كېرەك.» دېدى.
ستېينبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىشىنى كۆپىنچە ھاللاردا رايوندىكى خەۋپنىڭ كۈچىيشى دەپ چۈشەندۈرىدۇ:
ئۇ مۇنداق دېدى: «ناخشىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پەخرىنىڭ بەلگىسى، ئاندىن مىللەتچىلىكنىڭ بەلگىسى، ئاندىن بۆلگۈنچىلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.»
ئەمما تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى نازارەت قىلماقچى بولۇشىنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ مەدەنىيەت كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى، ئۈمىدنىڭ تېخى يوقالمىغانلقىنى كۆرسىتىپ بېردىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«مېنىڭچە بۇ تىزىملىك خىتايدىكى ھەرىكەتنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ۋە رەھىمسىز بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ رەيچېل ھاررىس.