24-دېكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ «15- بەش يىللىق پىلان» نى باشلىنىشتىن بۇرۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قارىتا سىياسىي تەربىيەلەش باشلاپ، ئۇلاردىن «سىياسىي ساداقەتمەنلىك» تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ تەربىيەلەشنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نېمەتلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىق ھازىرچە نامەلۇم.
ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ سېمىناردا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن شياۋجياڭ ئەمەلدارلارنى ئۆز خىزمەتلىرىنى «پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قارارلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا، سىياسىي ساداقەتمەنلىك ۋە ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىش» كە چاقىرغان.
ئۇ، كېلەركى «بەش يىللىق پىلان» مەزگىلنى «خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم باسقۇچى»، دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت ئىستراتېگىيىسى ئىچىدە پىلانلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
چېن بېيجىڭنىڭ بۇ رايون ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى، جۈملىدىن ئاسىيا-ياۋروپا ئالاقىسى مەركىزى، ئېنېرگىيە ۋە بايلىق بىخەتەرلىكى بازىسى، ئاساسلىق ئاشلىق بازىسى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ سېمىنارنى دائىملىق سىياسىي تەربىيەلاشنىڭ بىر قىسمى، دەپ تەسۋىرلىگەن.
ھالبۇكى، خەلقئارا ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىلدىكى تەربىيەلەش ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىش بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى.
ياخشىمۇسىز، بۇ بىر ئىنكاس. ئىنكاسلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش ئۈچۈن باشقۇرۇش تاختىسىدىكى ئىنكاس ئېكرانىنى زىيارەت قىلىڭ. ئىنكاس يازغۇچىنىڭ سىماسى Gravatar دىن كەلگەن.