خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي كوچا ئىسىملىرىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. «شاھىت بىز» تورىنىڭ قۇرۇغۇچىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى جىنې بۇنىن ئەپەندىم 26- دېكابىر تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ كوچا-رەستىلىرىدىكى 14 چوڭ يولغا پۈتۈنلەي خىتايچە ئىسىم قويغاندىن باشقا، 30 يول-كوچىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمنى پۈتۈنلەي خىتايچىغا ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.
قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر پارچە رەسمىي ھۆججەتكە قارىغاندا، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش 2024- يىلى 13- ئۆكتەبىر تارقىتىلغان.
ھۆججەتتە، قەشقەر شەھىرىدىكى بەزى يوللارنىڭ نامىنى «ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارغا ئىسىم قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «يەر نامىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تىزىملىككە قارىغاندا، قەشقەردىكى 14 ئاساسلىق يولنىڭ ئىسمى «چيۇشى لۇ»، «بېيچۇەن لۇ» «جاڭشى لۇ» قاتارلىق ئىسىملار بىلەن پۈتۈنلەي خىتايچە قويۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن قەشقەر قەدىمىي كوچىلىرىنىڭ ئىسمى خىتايچە ئۆزگەرتىلگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
«نەزەرباغ يولى»، «گويۇەن لۇ» غا ، «سەمەن يولى»، «لىمىڭ لۇ» غا، «يۇملاق شەھەر يولى»، «لەينىڭ لۇ» غا، «توققۇزاق يولى»، «يوۋخاۋ لۇ» غا، «شامالباغ يولى»، «شىنفېڭ لۇ» ئۆزگەرتىلگەن.
ئۆزگەرتىلگەن يول-كوچا ئىسىملىرى جەمئىي 30 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە «دۆلەتباغ يولى»، «جيەنگو لۇ» غا، «قىزىل دەريا يولى»، «خوڭخې لۇ» غا ئۆزگەرتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «پاختا بازىرى»، «ئۈجمىلىك»، «لەڭگەر»، «ئارامەھەللە»، «تاش بازىرى» قاتارلىق مەشھۇر مەھەللە ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان يول-كوچىلارمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىلگەن
«ئۇيغۇر خەۋەر تورى» نىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتا ئىسمى كۆرسىتىلگەن كوچىلارنىڭ ئىسىملىرى ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ بولۇنغان بولۇپ، ھەتتا قەشقەر ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىسىمىمۇ «قەشقەر لەينىڭ ئايرودۇرۇمى» غا ئۆزگەرتىلگەن.
ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا، قەشقەر ئايرودۇرۇمى نامىنىڭ رەسمىي ھالدا قاچان ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئايرۇدۇم نامىنىڭ 2023- يىلى ئاۋغۇستتا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرسەتمكەتە.
ھالبۇكى، قەشقەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، تىرىشچانلىقىمىز نەتىجە بەرمىدى.
ئىلگىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە شەھەر كوچا ناملىرىنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ناملىرىنىمۇ ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
2024- يىلى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇزىتىش تەشكىلاتى» بىلەن نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر-يار» تەشكىلاتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2009- يىلىدىن 2023- يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3600 يېزا-كەنتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
خىتاينىڭ «يەر نامىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2021- يىلى 1- سېنتەبىر ماقۇللانغان ئىدى.