ھەبىبۇللا ئىزچى
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇستەقىللىق غۇرۇرى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرى خاتىرىلەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.
«ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 30-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەھبەرلىرىنى خاتىرىلەش» ناملىق بۇ مەخسۇس يىغىن 20-دېكابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان قۇرغۇچى رەھبەرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ باشلامچى شەخسلىرى خاتىرىلىنىپ، مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا يەنە، تۈرك دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئورنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچى رەئىسلىرى، قوماندانلىرى ۋە شۇ دەۋرگە ئائىت رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىندى.
مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەزاسى دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن، داۋا پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئىدرىس شاھىن، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى باش مەسلىھەتچىسى فەرامۇز ئۈستۈن، زەپەر پارتىيەسى مەركەز ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئەسەر تۈركىستانلى ساكا خانىم قاتارلىق مېھمانلارمۇ قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىن 20-دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت ئابدۇرېشىتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن رەسمىي باشلاندى، يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قىلدى.ئارقىدىن تەكلىپلىك مېھمانلاردىن تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ، دوغان بېكىن، ئىدرىس شاھىنلار سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە مەرھۇم ئۈچ ئەپەندىگە بولغان ھۆرمەت ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلەشتى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلار ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر يىغىن جەريانىدا يەنە بۆلۈملەرگە ئايرىلىپ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرۇلتاينىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا،دوكتور ئۆمەرقۇل، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس قاتارلىقلار «ئۈچ ئەپەندى»، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۇسۈف ئالپتېكىنلەر ھەققىدە ئۆزلىرى شاھىت بولغان ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
ئىككىنچى بۆلۈمىدە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قۇربان رىياسەتچىلىكىدە؛ پروفېسور دوكتور ئۆمەر قۇل، دوكتور ئەسەت سۇلايمان، دوكتور ئابلەت سەمەت ۋە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئەخمەتلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى بۆلمىدە، پىروفېسسور دوكتور ئۆمەر قۇلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ، دوغان بېكىن، ئىدرىس شاھىن، پەرامۇز ئۈستۈن ئەپەندىلەر ۋە ئەسەر تۈركىستانلى ساكا خانىم ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدىكى ئورنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
تۆتىنچى بۆلۈمدە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇلخەمىت قاراخان رىياسەتچىلىكىدە، ياۋروپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن نىزامى فېدېراتسىيۇنى رەئىسى ئەرول يازىجى ئوغلۇ، مىللى گۆرۈش تەشكىلاتى باش شتاب رەئىسى مەسۇت گۈلباھار، قۇرۇلتاي سەھىيە كومىتېتى رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ۋە پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەتلەر شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ياۋروپادىكى تۈرك ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
بۇ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ھەممىسى تۈرك تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بەشىنچى بۆلۈمىدە؛ قۇرۇلتاي سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە؛ قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىم، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت ئابدۇرېشىت، قۇرۇلتاي باش تەپتىشى دوكتور ئابدۇكېرىم راخمان ۋە قۇرۇلتاي فوند رەئىسى غەيۇر قۇربانلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خەلقئارا كۈنتەرتىپ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزدى.
ئاخىرىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ ساھىبخانلىقىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەھىدلەر خاتىرىسىگە ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە ئابدۇقەييۇم داموللام تەرىپىدىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ۋە مېھمانلارغا نەزىر بېرىلدى.